ب د ت ئومۇمى قۇرۇلتىيى سۈرىيىنى تەنقىد قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھىسى ماقۇللىدى

ب د ت ئومۇمى قۇرۇلتىيى ئەرەب ئىتتىپاقى سۇنغان سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھىسىنى مۇتلەق كۆپ سانلىق دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى بىلەن بىردەك ماقۇللىدى.

قارار لايىھىسىدە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىسيانلىرىنى رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرۇش جەريانىدا «كىشىلىك ھوقۇققا سىستېمىلىق ۋە كەڭ كۆلەملىك» خىلاپلىق قىلغانلىقى تەنقىد قىلىنغان. شۇنداقلا يەنە، ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارغا قاراتقان ھۇجۇمنى دەرھال توختىتىشى تەلەپ قىلىنىپ، پرېزىدېنت ئەسەدنىڭ ھوقۇقنى تاپشۇرۇشى، بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نازارىتىدە ئەركىن سايلام ئېلىپ بېرىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي بىلەن رۇسىيە ئۆتكەن قېتىم ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيە ۋەزىيىتى ھەققىدىكى قارارىنى رەت قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارىلىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان ئىدى. بۇ قېتىم مەزكۇر تەكلىپ لايىھىسى ئومۇمى قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. گەرچە جۈمە كۈنى ماقۇللانغان قارارنىڭ مەجبۇرلاش كۈچى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇ خەلقئارا جامائەتنىڭ پىكرىنى نامايان قىلىش نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. خىتاي بۇ قېتىممۇ ب د ت ئومۇمى قۇرۇلتىيىدا مەزكۇر قارارغا رەت ئاۋازىنى قوللانغان.

خىتاينىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىنى توختىتىپ قالالىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھوقۇقى ب د ت ئومۇمى قۇرۇلتىيىنىڭ قارارلىرىغا ئۆتمەيدۇ. قارار لايىھىسىگە 137 دۆلەت قوللاپ ئاۋاز بەرگەن، 12 دۆلەت قارشى تۇرغان، 17 دۆلەت ئاۋازى بەرمىگەن.