ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى سۈرىيىنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى 28-فېۋرال سەيشەنبە كۈنى يىغىن ئېچىپ، بەشار ئەساد ھۆكۈمىتىنى سۈرىيە خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى، سۈرىيىدىكى ئوخشىمىغان ئىدىيىدىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، ئاھالىلەر رايونىدا ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئەيىبلىدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.02.28

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى يەنە سۈرىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن، ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان رايونلارغا ئاشلىق، يېمەك ئىچمەك، يېقىلغۇ ھەم باشقا كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشقا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە بۈگۈنكى يىغىن، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان، كۇۋەيت، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئېچىلغان. خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى بىرنەچچە كۈندىن بۇيان سۈرىيىدىكى بەشار ئاساد ھۆكۈمىتى ھەم سۈرىيىدىكى ئۆكتىچى تەرەپ بىلەن سۈرىيىدىكى ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان رايونلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش يولىنى ئېچىش ھەققىدە سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.