ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى يەنە سۈرىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن، ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان رايونلارغا ئاشلىق، يېمەك ئىچمەك، يېقىلغۇ ھەم باشقا كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشقا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە بۈگۈنكى يىغىن، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان، كۇۋەيت، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئېچىلغان. خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى بىرنەچچە كۈندىن بۇيان سۈرىيىدىكى بەشار ئاساد ھۆكۈمىتى ھەم سۈرىيىدىكى ئۆكتىچى تەرەپ بىلەن سۈرىيىدىكى ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان رايونلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش يولىنى ئېچىش ھەققىدە سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىدى.