ب د ت نىڭ سۈرىيىدىكى تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئۆز پائالىيىتىنى توختاتتى

ب د تنىڭ سۈرىيىدە تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇشلارنىڭ كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقى تۈپەيلىدىن ئۆز پائالىيەتلىرىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان.

0:00 / 0:00


ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بدت نىڭ سۈرىيىدىكى كۆزەتكۈچىسى گېنېرال مايور روبېرت مۇد دەمەشقتە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بدت خادىملىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ، تەكشۈرۈش ۋە نازارەت ئېلىپ بېرىشىنىڭ قىيىنلاشقانلىقى تۈپەيلىدىن ئۆز پائالىيەتلىرنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ب د ت 300 نەپەر قورالسىز خادىم ئەۋەتىپ، ب د ت ۋە ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، كوفى ئانانىڭ تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى كۆزەتمەكتە ئىدى. بىراق، كوفى ئاناننىڭ ئۇرۇش توختىتىش پىلانى ئەمەلگە ئاشمىغان.

تۈركىيە باش مىنىستىرى داۋۇتوغلۇ شەنبە كۈنى ب د ت نى سۈرىيە مەسىلىسىدە چارە قوللىنىشقا چاقىرغان. ئەساد ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە ئۆكتىچى كۈچلەرنى تېررورچىلار دەپ ئەيىبلەپ، ئۇلارغا قاراتقان قوراللىق باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى.