خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىدا، سۈرىيىنىڭ «خەلقئارا قانۇنغا قىلىنغان بۇ خىل بۇزغۇنچىلىقنى دەرھال توختىتىشى ۋە بۇ خىل بۇزغۇنچىلىقنىڭ تەكرار يۈز بەرمەسلىكى» نى تەلەپ قىلغان ۋە سۈرىيىنىڭ ھۇجۇمىنى «ئەڭ قاتتىق ئىبارىلەر بىلەن تەنقىد قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
رۇسىيە چارشەنبە كۈنى مەزكۇر قارار لايىھىسىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى رەت قىلىپ، ئۆزى بىر قارار لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. رۇسىيىنىڭ قارار لايىھىسىدە سۈرىيە-تۈركىيە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى.
رۇسىيىنىڭ قارار لايىھىسى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق ئەسلى لايىھىگە مەلۇم ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، رۇسىيىنىڭ پىكرى قىسمەن دىققەتكە ئېلىنغان. قارار لايىھىسىدە، «سۈرىيىدىكى كرىزىس ئۇنىڭ قوشنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى» قەيت قىلىنىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشى «سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇنىڭ قوشنىلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۈمە كۈنى سۈرىيىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيىنىڭ سۈرىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىش نىيىتى يوقلۇقى، بىراق سۈرىيە تۈركىيىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى قوغداشتىكى قەتئىيلىكىنى سىناپ بېقىشقا ئۇرۇنماسلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.