خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېمەكىلىك، ئېنېرگىيە، يۇقۇملۇق زۇكام قاتارلىق كرىزىس مەسىلىلىرىنىڭ ھەممىسى بىر چوڭ مەسىلىگە - تېررورىزم ۋە يادرو قوراللىرى مەسىلىسىگە يىغىنچاقلاندى، دەپ جاكارلىدى باش كاتىپ بان كىمۇن چوڭ يىغىنىنى ئېچىش نۇتقىدا.
ب د ت نىڭ بۇ قېتىمقى چوڭ يىغىندا بارەك ئوباما، دېمىترى مېدۋېدېف، خۇجىنتاۋ، يۇكيو خاتوياما قاتارلىق يېڭى چىرايلار پەيدا بولغان ئىدى.
بان كىمۇن نۇتقىدا، ب د ت نىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە دۇنيانى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنى، يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىپ كېتىشىگە 'قىزىل' بەلگە بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشكە چاقىردى.