ب د ت دۇنيا مىقياسىدىكى تەشكىللىنىش ئەركىنلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى بېكىتتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا مىقياسىدىكى تەشكىللىنىش ئەركىنلىكى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، ئالاھىدە تەكشۈرگۈچىلەرنى بېكىتتى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزكۇر تەكلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئاۋازغا قويۇلماي تۇرۇپلا دۆلەتلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان. ئەمما، خىتاي ۋە كۇباغا ئوخشاش دۆلەتلەر بۇ قارارنى ماقۇللاشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، سىرت، ب د ت يەنە، سۇداندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرىدىغان تەكشۈرگۈچى بېكىتىدىغان بولۇپ، بۇ بىر قىسىم ئەرەب ۋە ئاسىيا ئەللىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ئەمما، ئۇلارنىڭ قايسى دۆلەتلەر ئىكەنلىكى ئېنىق ئېغىزغا ئېلىنمىغان.

2003 ‏ - يىلى سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدىكى يەرلىك خەلق ئۈستىدىن باستۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان. ۋەقەدە 300 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

خىتاي سۇدانغا ئەڭ كۆپ قورال ساتىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغاچقا، خىتاي دارفۇردىكى ئېتنىك قىرغىنچىلىقنىڭ جاۋابكارلىرىدىن بىرى، دەپ قارالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي سۇداندىكى نېفىتتىن مەنپەئەت ئېلىۋاتقان ئاساسلىق دۆلەتتۇر.