خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خوڭلېي بۈگۈن، يەنى دۈشەنبە كۈنى مەزكۇر تەنقىدكە نارازىلىق بىلدۈردى. خوڭلېي سۆزىدە تىبەتتىكى كۆپ سانلىق خەلقنىڭ ئۆز ئەھۋالىدىن رازى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە تىبەتلەر ئارىسىدا داۋاملىشىۋاتقان نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنى، دالاي گۇرۇھىنىڭ بۆلگۈچىلىك مەقسىتىدىكى كۈشكۈرتۈشىنىڭ نەتىجىسى، دەپ كۆرسەتتى.
ناۋي پلاي جۈمە كۈنكى باياناتىدا، تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىشىنى ئۆز تەقدىرىدىن ئۈمىدسىزلىنىش دەپ كۆرسەتكەن ۋە بۇ ئۈمىدسىزلىكنى خىتاينىڭ زوراۋانلىق سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقاردى دېگەن ئىدى.
خىتاي باياناتچى بۈگۈنكى باياناتىدا، ب د ت ۋە باشقا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا چاقىردى. خىتاي ھەر ۋاقىت تىبەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى مەسىلىسى دېيىش ئارقىلىق جاۋابكارلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا. خەلقئارا تەشكىلاتلار بولسا، ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنىڭ ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى بولالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.