ب د ت خىتاي قوراللىرىنىڭ دارفور قىرغىنچىلىقىدا ئىشلىتىلگەنلىكىگە دائىر يېڭى يىپ ئۇچى تاپتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى بىر دىپلومات خىتايدا ياسالغان قوراللارنىڭ دارفۇردىكى ئېتنىك قىرغىنچىلىقتا ئىشلىتىلگەنلىكىگە دائىر يېڭى يىپ ئۇچلىرىغا ئېرىشكەنلىگىنى بىلدۈردى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دارفۇر مەسىلىسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ب د ت قارمىقىدىكى بۇ كومىتېت ئەينى ۋاقىتتا قوراللىق باستۇرۇش بولغان رايوندىن بايقالغان 18 مىشەكنىڭ 12 سىنىڭ خىتايغا، ئىككىسىنىڭ ئىسرائىلىيىگە قالغان تۆتىنىڭ سۇداننىڭ ئۆزىگە ئائىت ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان.

بۇ دىپلوماتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كومىتېتنىڭ قولىدا، گەرچە خىتاينىڭ بۇ قورالنىڭ دارفۇردا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلىقىغا دائىر بىر ئىسپات يوق بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇ قوراللارنىڭ قاياققا يۆتكەپ ئىشلىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىغان. نەتىجىدە بۇ قوراللار يەرلىك خەلقلەرنى باستۇرۇشتا ئىشلىتىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە بۇ كومىتېتىنىڭ سۇدان دوكلاتىنى ئېلان قىلىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇپ، كومىتېتىنى ئىسپاتسىز قارا چاپلاش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. مەزكۇر دوكلات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەجلىسىگە سۇنۇلغاندىن كېيىن رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.