ب د ت، خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى

دۈشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتلەردىكى مىللىي سىياسىتى، مەزكۇر مىللەتلەرگە قارىتىلغان مىللىي كەمسىتىش خاھىشلىرى ھەققىدە كۈچلۈك سوئاللارغا دۇچ كەلدى.

بۇ نۆۋەتلىك تەكشۈرۈش، جەنۋە شەھىرىگە جايلاشقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مىللىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش كومىتېتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن.

10 - ئاۋغۇست، مەزكۇر كومىتېتنىڭ 18 نەپەر مۇتەخەسسىستىن تەشكىللەنگەن مۇستەقىل تەكشۈرۈش كومىتېتى، خىتايدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى "ھەر خىل شەكىلدىكى مىللىي كەمسىتىشنى يوقىتىش خەلقئارالىق كېلىشىمى" دە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش دەرىجىسى ئۈستىدە سوئاللارنى سورىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى، خىتاي قانۇنىدا مىللىي كەمسىتىشكە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سوئاللىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇندى.

ھالبۇكى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدىن نەقىل ئېلىپ ، خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سىستېمىلىق ھالدا كەمسىتىشكە ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر كومىتېت بۇ نۆۋەتلىك تەكشۈرۈشتە بايقالغان ھاسىلاتلارنى 28 - ئاۋغۇست ئېلان قىلىدىكەن.