ب د ت نىڭ يادرو قوراللىرىنى كونترول قىلىش يىغىنى داۋاملاشماقتا

5 بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا 5113 دانە يادرو قورال ئوق ئۇچى بار ئىكەن. دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېللارى كلىنتون، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يادرو قوراللىرىنى كونترول قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ ھەر ۋاقىت يادرو قوراللار مەسىلىسىدە ئاشكارا بولۇش مەيدانىدا تۇرىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتە دۆلەت بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن يەنە 5000دىن ئارتۇق يادرو قورال ئوق ئۇچىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.05.04

كلىنتون خانىم ئۆز سۆزىدە يەنە، ئىراننى يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتىش بىلەن ئەيىبلەپ "ئىران دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ" دېدى. شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى يادرو قوراللىرىنى چەكلەشتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىردى.

يىغىندا ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجات ئىراننىڭ يادرو قوراللار مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ئاقلاش بىلەن بىللە "ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر يادرو تېخنىكىسىنى تىنچلىق ئۈچۈن تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ" دەپ ئەيىبلىدى. ئامېرىكا، ئەنگلىيە ھەم فرانسىيە ۋەكىللىرى ئەخمەدى نىجاتنىڭ سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، يىغىن مەيدانىدىن چىقىپ كەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە، رۇسىيە ھەم خىتايمۇ ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلەپ دوكلات بېرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.