ئامېرىكا ئافغانىستاننىڭ بەدەخشان ئۆلكىسىدە ياساۋاتقان يول خىتاينى ئەندىشىگە سالماقتا

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ ل پ گ شىركىتى ئافغانىستاننىڭ بەدەخشان ئۆلكىسىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك بىر تاش يول ئۈچۈن مەبلەغ سالغان بولۇپ، بۇ يول ۋاخان كارىدورىغا يېقىنلىشىپ قالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.07.22

خىتاينىڭ يەر شارى گېزىتىدە بۇ يول ھەققىدە بېرىلگەن خەۋەردە دېيىلىشىچە، يېزا ئىگىلىكنى ئاساس قىلغان بەدەخشان ئۆلكىسىدە ياسىلىۋاتقان بۇ يولغا مەبلەغ سالغان ئامېرىكا شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ھىندىستانلىقلار ھەم كورىيىلىكلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، يول ناھايىتى سۈپەتلىك ياسىلىۋاتماقتا ئىكەن.

يەر شارى گېزىتىدە بۇ يولنىڭ ئىستراتېگىيىلىك قىممىتى ھەققىدە توختىلىپ، "دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى بولمىغان، ئات - ئۇلاغنى ئاساسىي قاتناش قورالى قىلىدىغان بەدەخشان ئۆلكىسىدە بۇنداق بىر يولنىڭ ياسىلىشى ئەلۋەتتە ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈنلا بولمىسا كېرەك"دەپ يېزىلغان.

يەر شارى گېزىتىنىڭ مۇخبىرى يەنە، ئۆزىنىڭ بەدەخشان رايونىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قاراشلىق گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي ئاپتوموبىللىرىنى كۆرگەنلىكىنى، بۇ يولنىڭ خىتاي چېگرىسىدىكى ۋاخان كارىدورىغا تۇتىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، "خىتاي ھۆكۈمىتى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ۋاخان كارىدورى ئارقىلىق ئافغانىستانغا ئۇرۇش ئەشيالىرىنى توشۇش تەلىپىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىر ئىستراتېگىيىلىك يولنى خىتاينىڭ ئىشىكى ئالدىغىلا ياسىماقتا " دەپ يازغان. خەۋەردە يەنە، خىتاينىڭ ۋاخان كارىدورىنىڭ خىتاي چېگرىسى ئىچىدىكى دۆلەت مۇداپىئە يول بۆلىكىنىمۇ جىددىي رېمونت قىلىۋاتقانلىقى يېزىلغان.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.