بېيجىڭدىكى بىر چېركاۋ، مۇخلىسلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ توسقۇنلۇقىغا پەرۋا قىلماي پاسخا كۈنى مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا چاقىردى

سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى بىر چېركاۋ ئۆز مۇخلىسلىرىغا چاقىرىقنامە ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقانداق توسقۇنلىرىغا پەرۋا قىلماي يەكشەنبە ئۆتكۈزۈلىدىغان پاسخا بايرىمى كۈنى مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا دەۋەت قىلدى.

ئىنتېرنېت ئېلان قىلىنغان چاقىرىقنامىدە، پاسخا كۈنىدىكى مۇراسىمىنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەنگەندىن كېيىن، مۇخلىسلارنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا ئېتىقادى ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشى ۋە بەدەل تۆلىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلدى. شوۋاڭ ئىبادەتخانىسى دەپ ئاتالغان مەزكۇر چېركاۋ خىتايدىكى ھۆكۈمەتكە تىزىملىتىلمىغان چېركاۋلاردىن بىرىدۇر.

يېقىندا بۇ چېركاۋ ھۆكۈمەت تەرەپتىن پېچەتلىۋېتىلگەن، بۇنىڭ بىلەن چېركاۋنىڭ جامائىتى پائالىيىتىنى سىرتتا ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. ئۆتكەن ھەپتە پوپ جىن تيەنمىڭ قاتارلىق چېركاۋ مەسئۇللىرى تۇتقۇن قىلىنىپ بىرقانچە سائەتتىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن بولسىمۇ ئۇلارغا قارىتا نەزەربەند داۋاملىشىۋاتقان ئىدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ توغرۇلۇق خەۋىرىدە، خىتايدا ياسىمەن نامايىشى ھەققىدە چاقىرىقلار كۈچەيگەندىن كېيىن، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى ۋە ئادۋوكاتلىرى قاتارىدا خرىستىئان دىنى مۇخلىسلىرىنىڭمۇ تەقىب ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى. چېركاۋ بۈگۈنكى چاقىرىقنامىسىدە پاسكال مۇراسىمىدا ساقچىلارنىڭ مۇخلىسلارنى تۇتقۇن قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى، مۇخلىسلارنىڭ بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا چوقۇم كۆڭلىدە تەييارلىقى بولۇشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى.