بېيجىڭدا يۈزبەرگەن قاتتىق يامغۇر ۋەقەسىدە 10 ئادەم ئۆلدى

21 - ئىيۇلدىن 22 - ئىيۇلغىچە بولغان كۈنلەردە خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا قاتتىق يامغۇر يېغىش ھادىسىسى يۈزبېرىپ، ئاز دېگەندە 10 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇ 1951 - يىلىدىن بۇيان بېيجىڭدا يۈزبەرگەن بىر قېتىملىق ئەڭ چوڭ يامغۇر يېغىش ھادىسىسى ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بوران چاپقۇنلۇق يامغۇر نەتىجىسىدە بېيجىڭ شەھىرىدىكى كۆپلىگەن ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلەرنىڭ ئاستىغا سۇ يىغىلىپ قېلىپ، قاتناشنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىغان، شەھەردىكى كۆپلىگەن جايلار يامغۇر سۈيىنىڭ ئاستىدا قالغان. ھەتتا بەزى مېترو ئىستانسىلىرىمۇ سۇ ئاستىدا قالغان.

بېيجىڭدىن ئۇچىدىغان كۆپلىگەن ئايروپىلانلار ئۇچۇش ۋاقتىنى كېچىكتۈرگەن ھەمدە 80 مىڭ ئادەم سەپەردىن قالغان. يامغۇر 22 - ئىيۇل كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 لەردە توختىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە داۋاملىق يامغۇر ھادىسىسى بولۇشى مۇمكىنلىكى ئاگاھلاندۇرۇلغان.