خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەشق ئۈچۈن تيەنئەنمېن مەيدانى ئەتراپىدا ھەربى ھالەت يۈرگۈزدى، قاتناشنى چەكلىدى. خەلقنىڭ بۇ مەشقنى كۆرۈشىنى ياكى تەبرىك كۆرۈنۈشلىرىدىن رەسىم تارتىشىنىمۇ چەكلىدى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ 60 يىللىق تەبرىك پائالىيىتىنى، مۇشۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تۆۋەنلەۋاتقان، جايلاردا ئېغىر ۋەقەلەر يۈز بېرىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئۆزى دۇنياغا باش كۆتۈرۈپ چىقىدىغان ۋە ھەيۋە بىلەن خەلقنى تىنجىتىدىغان بىردىنبىر چوڭ پۇرسەت دەپ قاراۋاتىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن تەبرىك پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى قاتتىق سىياسىي تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارغا ئالاھىدە كىملىك بەلگىسى تاقاپ مەشق قىلدۇرۇۋاتىدۇ.