بېلارۇسىيە كوممۇنىست ئۆكتىچىلىرى خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئۆتكەن جۈمە كۈنى بېلارۇسىيىدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھلاردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان «مىللىي بولشېۋىكلار پارتىيىسى» بېلارۇسىيە پايتەختى مىنسك شەھىرىدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ، خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئانچە كۆپ بولمىغان نامايىشچىلار قوللىرىدا ئىنگلىزچە«خىتايدا ئىشلەنگەن» دېگەن خەتلەر يېزىلىپ، ئۈستىدىن قارا قەلەم بىلەن جىجىۋېتىلگەن پلاكاتنى كۆتۈرۈپ،خىتاينىڭ بېلارۇسىيىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەسىرىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىغا نارازىلىقىنى ئىپادە قىلغان. بىراق، نامايىشنى تەشكىللىگەن «بېلارۇسىيە مىللىي بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى 15 كۈنلۈك مۆھلەت بىلەن ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

ئۆكتىچىلەر ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالېكساندىر لۇكاشېنكو ھۆكۈمىتىگە ئىقتىسادىي ياردەملەرنى بېرىۋاتقانلىقى ۋە لۇكاشېنكونىڭ رۇسىيىنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن خىتاي بىلەن زور مىقداردىكى سودا - ئىقتىساد ۋە باشقا ھەمكارلىق كېلىشىملەرنى تۈزۈشى نەتىجىسىدە خىتاي تەسىرىنىڭ بېلارۇسىيىدە ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ،«دىكتاتور ھاكىمىيەتلەر ئۆز - ئارا بىر - بىرىنى قوللايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن شۇنىڭدەك يەنە «خىتاينىڭ مەبلەغلىرى ئالېكساندىر لۇكاشېنكونىڭ ئۆز مۇستەبىتلىكىنى مۇستەھكەملىشىگە ياردەم بەرمەكتە» دەپ تەنقىد قىلغان.