بۇ پارتىيىنىڭ باياناتچىسى ۋوزنىياكنىڭ بايان قىلىشىچە، بىلورۇسىيە كوممۇنىست پارتىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ نامىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان 18 يىلدىن بۇيان، ۋەتەن ئىچىدە خەلق، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلار 'كوممۇنىست پارتىيە' دېگەن نامنى شەرمەندىلەر گۇروھى دەپ چۈشىنىدىغان ۋە ئۇنىڭ تارىخىدىن نۇمۇس قىلىدىغان بولۇپ قالغان شۇنداقلا بىلورۇسىيە كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ رۇسلار ئۆزى ئاللىقاچان تاشلىۋەتكەن رۇسىيە كوممۇنىست پارتىيىسىدىن كەلگەن پارتىيە ئىكەنلىكىدىن يىرگىنىدىغان بولۇپ قالغان.
'كوممۇنىست پارتىيە' دېگەن نامىنى نۇمۇس بىلىپ تاشلىۋەتكەن بىلورۇسىيىدىكى بۇ سىياسىي گەۋدە بۇنىڭدىن كېيىن، خەلقنىڭ رايىغا بېقىپ ئىش قىلىشنى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلىدىكەن.