بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2008-يىلى قەشقەر قەدىمى شەھەر رەستىلىرىنى چېقىپ، يەرلىك ئاھالىلەرنى شەھەر سىرتىغا كۆچۈرۈشنى باشلىغاندىن بۇيان، قەشقەرنىڭ كېلەچىكى توغرىسىدا ئېچىلغان تۇنجى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىدۇر.
ياۋروپا پارلامېنت بىناسىدا ئېچىلىدىغان مەزكۇر يىغىن ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى فرېيدا بروپوئېلس خانىمنىڭ تەشەببۇسى، ۋاكالەتسىز مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى ھەم بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
"غايىب بولۇش ئالدىدا تۇرغان يىپەك يولىدىكى بوستانلىق-قەشقەر" دېگەن تېمىدىكى بۇ يىغىندا ئۇيغۇر مىللىي رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەيدۇ.
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەزكۇر يىغىن توغرىسىدىكى ئېلاندا بېيجىڭنىڭ قەشقەرنى چېقىشتىن ئىبارەت "خەتەرلىك ئۆي ئىسلاھاتى"غا ئىككى يىل بولۇپ قالغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، "شەرقىي تۈركىستان ۋە ياكى خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇش گىردابىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە "كېلىپ چىققان بۇزغۇنچىلىقنى ھېسابلاپ چىقىشنىڭ زۆرۈرلۈكى، يىغىندا بۇنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە بۇزغۇنچىلىقىنى ئازايتىشنىڭ يوللىرىنى تېپىپ چىقىدىغانلىقى"نى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2008-يىلى قەشقەر قەدىمى شەھەر رەستىلىرىنى چېقىپ، يەرلىك ئاھالىلەرنى شەھەر سىرتىغا كۆچۈرگەن، شەھەر مەركىزىگە بىنا سېلىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىشكە باشلىغان ئىدى.
دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر پىلانى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپلا قالماي، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە قەدىمى مىراسلارنى قوغدىغۇچى خەلقئارا ئورگانلارنىڭ شىددەتلىك تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پەيشەنبە كۈنكى يىغىندا خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ ياۋروپا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى ۋىنسېنت مەتتېن، فلامىش دۇنيا مىراسلىرى مۇتەخەسسىسى سۇزان خەۋېربرېك خانىملار قانداق قىلىپ خەلقئارانىڭ ئارىلىشىشى ئارقىلىق قەشقەرنىڭ ئىلگىرىلەپ ۋەيران قىلىنىشى ۋە شۇنداقلا يىتۈك مەدەنىيەت ھەم قۇرۇلۇش مىراسلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.