ئەمما بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، تۈرمىدىن ئازاد قىلىنىدىغانلار ئىچىدە سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ بار-يوقلۇقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۈگۈن بېرما ھۆكۈمىتىگە سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى چاقىرىقىنى تەكرارلىغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بېرما تۈرمىلىرىدە 300 دىن ئارتۇق سىياسىي مەھبۇس بار ئىكەن.
بېرمىنىڭ دىكتاتور ھاكىمىيىتى 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئىسلاھاتتىن شەپە بېرىشكە باشلاپ، ئالدى بىلەن داڭلىق ئۆكتىچى ئاڭ ساڭ سۇچى خانىمنى كېيىن 2012-يىلىنىڭ يانۋار ۋە سېنتەبىر ئېيىدا 50 تىن ئارتۇق سىياسىي مەھبۇسنى تۈرمىدىن ئازاد قىلغان ئىدى.
بېرمىنىڭ بۇ قەدەملىرى ئەلۋەتتە ئامېرىكىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ 19-چېسلا بېرمىدا ئېلىپ بارىدىغان رەسمىي زىيارىتىمۇ بېرمىنى تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ئىسلاھاتقا رىغبەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئوبامانىڭ بېرمىغا قىلىدىغان زىيارىتى ئەمەلىيلەشكەن تەقدىردە ئۇ بېرمىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولىدۇ.