بۈگۈن بېرما پرېزىدېنتى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر قۇرۇلۇشنى توختىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى خەلقنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلىش دەپ چۈشەندۈردى.
مەزكۇر قۇرۇلۇش باشلانغاندىن بۇيان نەچچە يۈزلىگەن يەرلىك ئاھالىلەر ئۆي ماكان ۋە تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇھىت ئاسرىش ئاكتىپلىرىمۇ مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ رايوننىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن؛ بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر قۇرۇلۇشنى توختىتىش ھەققىدە مەخسۇس بىر ئاممىۋى تەشكىلات قۇرۇلۇپ، ئۆتكەن ئايدا ئاخبارات ئېلان قىلىش ۋە نامايىش ئۆتكۈزۈش قاتارلىق شەكىللەردە رەسمىي ھەرىكەت باشلىغان ئىدى.
بۇ ھەرىكەتكە يېتەكچىلىك قىلغان بىر ژۇرنالىست بۈگۈن ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر قارارىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، «بۇ بېرمىدا 50يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشى» دېگەن.
نۆۋەتتە بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدە قانداق ئىنكاس پەيدا قىلىدىغانلىقى دىققەت بىلەن كۆزىتىلمەكتە. بۈگۈن بۇ ھەقتە سوئالغا دۇچ كەلگەن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ئۆزىنىڭ مەزكۇر قاراردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.