بېرما قاچاقلىرى يۇرتلىرىغا قايتىشقا باشلىدى

بېرمىنىڭ كوگاڭ رايونىدىكى قوراللىق توقۇنۇش بېسىققاندىن كېيىن، خىتايغا قېچىپ كەلگەن 30 مىڭدىن ئارتۇق مۇساپىر يۇرتلىرىغا قايتىشقا باشلىغان. خىتاي دائىرىلىرى، بېرما قاچاقلىرى ئۈچۈن قۇرغان مۇساپىرلار لاگېرىنى تاقاشقا كىرىشكەن.

ئاۋسترالىيان گېزىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، بېرمىدىكى يۇرتلىرىغا قايتىشقا باشلىغان مۇساپىرلار يەنىلا ئەندىشە ئىچىدە ئىكەن. نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، يەنە مىڭلىغان بېرمىلىق مۇساپىر يۇرتلىرىغا قايتىشنى رەت قىلغان ياكى قايتىپ كېتىشكە قۇربى يەتمەيدىكەن. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىنى قامال قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە مەزكۇر مۇساپىرلارنىڭ ئىنسانىي ياردەم مۇراجىئىتىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

ئۆتكەن ھەپتە بېرمىنىڭ خىتاي چېگرىسىغا يېقىن رايونى كوگاڭ رايونىدا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن يەرلىك قىسىملار ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلىغان. نەتىجىدە، ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكىدىن قورققان 37 مىڭ مۇساپىر خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىگە قېچىپ كەلگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، كوگاڭ رايونى نوپۇسىنىڭ 90 پىرسەنتىنى يەرلىك خىتايلار تەشكىل قىلىدىكەن. بۇ نۆۋەت كوگاڭ رايونىدىن قېچىپ كەلگەنلەر ئارىسىدا مەزكۇر رايوندا سودا قىلىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىمۇ بار ئىكەن.