بېرمىدىكى سايلام نەتىجىسىنى خىتاي ئالقىشلىدى، ئامېرىكا تەنقىدلىدى

بۈگۈن بېرمىدا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا، بېرما ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ قوللىشىدىكى بىرلىك ۋە تەرەققىيات پارتىيسى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاۋاز بىلەن ئۆكتىچى پارتىيىلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان.

يېقىنقى 20 يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سايلامدا، بىرلىك ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى پارلامېنتتىكى ۋەكىللەر ئورنىنىڭ 80%نى ئىگىلىگەن. سايلامغا قاتناشقان ئۆكتىچى پارتىيىلەر سايلامدا يېڭىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما سايلام جەريانىدا ھىلە ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، بەزى جايلاردا سايلىغۇچىلارنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بېرمىدىكى سايلامدا ئۇتۇپ چىققان بىرلىك ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى دەم ئېلىشقا چىققان گېنېراللار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان گېنىراللارنىڭ ھىمايىسىدە سايلامغا قاتناشقان. بېرمىدىكى دېموكراتىيە تەرەپدارى ئۆكتىچىلەرنىڭ رەھبىرى، نوبىل ساھىبى ئاڭ ساڭسۇكى بۇ قېتىمقى سايلامغا قاتناشتۇرۇلمىغان ۋە نەزەربەند ئاستىدا تۇتۇلغان. ئاڭ ساڭسۇكى ئۆز تەرەپدارلىرىنى سايلامنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بۈگۈن بېرمىدىكى سايلامنى تىنچ ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك سايلام دەپ ئالقىشلىغان. ئامېرىكا بولسا، سايلامنىڭ دېموكراتىك يوسۇندا بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئاڭ ساڭسۇكى قاتارلىق 2000 دىن ئارتۇق سىياسىي ئۆكتىچىنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشنى ۋە نەزەربەنتنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.