مەتبۇئات خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 12-يانۋار كۈنى ئىككى نەپەر بېرما ئەسكىرى خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ بېرما بىلەن چېگرىداش دېخۇڭ ئوبلاستىغا كىرىپ، بىر نەپەر خىتاي پۇقراسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ۋەقەدىن كېيىن خىتاي تەرەپ بېرما ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن خىتاي پۇقراسى ئۈچۈن تۆلەم تۆلەشنى تەلەپ قىلغان. بېرما تەرەپ ۋەقەنى قايتا تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بېرما ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن خىتاي پۇقراسى ئۈچۈن تۆلەم تۆلەش ئىشى تېخى ئەمەلىيلەشمىگەن.
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇلتۇر بېرما ھۆكۈمىتى زور تۈركۈمدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىپ، بېرمىدا غەرب دېموكراتىيىسىنى مودېل قىلغان بىرقەدەر كەڭ سىياسەت يۈرگۈزۈشكە باشلىغان. شۇندىن بۇيان بېرما بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يېقىنقى يىللاردا بارلىققا كەلگەن قويۇق مۇناسىۋەت يىراقلىشىشقا يۈزلىنىپ، خىتاي بىلەن بېرما ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ئىختىلاپلىرى قايتىدىن كۆپىيىشكە باشلىغان.