ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى دېلېيخۇنت بېرمۇداغا بېرىپ ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشىدۇ

بېرمۇدا "رويال گېزىتى"نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خەلقئارا تەشكىلاتلار، كىشىلىك ھوقۇق ۋە نازارەت تارماق كومىتېتىنىڭ رەئىسى بىلل دېلېيخۇنت بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى بېرمۇداغا بېرىپ، مەزكۇر ئارالدىكى 4 نەپەر ئۇيغۇر بىلەن كۆرۈشىدىكەن. بىلل دېلېيخۇنتنىڭ ئىشخانا مۇدىرى مارك فورېست "رويال گېزىتى"گە بەرگەن مەلۇماتىدا دېلېيخۇنتنىڭ بېرمۇداغا بېرىپ، يېقىندا گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن 4 نەپەر ئۇيغۇر مۇھاجىرنى چۈشىنىدىغانلىقىنى ۋە تۇتقۇن قىلىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مارك فورېستنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىلگىرى ئاۋام پالاتا ئەزاسى بىلل دېلېيخۇنت بىلەن دانا روھرابېيكىر ئۇيغۇرلارنى گۇانتاناموغا بېرىپ زىيارەت قىلىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، لېكىن مۇۋاپپەق بولالمىغان. ئاۋام پالاتا ئەزاسى روھرابېيكىر دۆلەت مەجلىسىدىكى يېقىنقى بىر يىغىندا ئۆزلىرىنىڭ گۈەنتاناموغا بېرىپ ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈشىگە بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ توسالغۇ بولغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

يۇقىرىقى ئىككى ئاۋام پالاتا ئەزاسى يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار ۋە ش ت ئى ھەرىكىتى ھەققىدە ئارقا - ئارقىدىن 2 قېتىم ئىسپات بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ش ت ئى ھەرىكىتى مەسىلىسىدىكى قارارىنى تەنقىدلىگەن ئىدى.

ئۇلار يەنە بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ 2003 ‏ - يىلى خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ گۈەنتانامونى زىيارەت قىلىپ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى سوراق قىلىشىغا يول قويغانلىقىنى شىددەتلىك تەنقىدلىگەن.

بېرمۇدا باش مىنىستىرى بروۋېننىڭ ئاخبارات كاتىپى گلەنن جونېس بولسا دېلېيخۇنتلارنىڭ جۈمە كۈنى بېرمۇداغا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دېلېيخۇنتنىڭ ئىشخانا مۇدىرى مارك فورېست بولسا، تارماق كومىتېتنىڭ كەلگۈسى بىر قانچە ئايدا گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر ئىسپات بېرىش يىغىنلىرىدىن يەنە بىر قانچە قېتىم ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى شۇنداقلا گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن سۆزلىشىشكە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.