ۋىكىلىكس "بېرمۇدادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى يېقىندا ۋاشىنگتوندا مۇزاكىرە قىلىنماقچى"

بېرمۇدادا چىقىدىغان «رويال گېزىتى» ۋىكىلىكس ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلارغا دائىر بەرگەن خەۋىرىدە بېرمۇداغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسىنىڭ يېقىندا ۋاشىنگتوندا كۆرۈشۈلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بېرمۇدادىكى بىر گېزىت ئىلگىرى بېرمۇداغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 4 ئۇيغۇرنىڭ بىر يىل ئىچىدە ئەنگلىيە پاسپورتىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى، بۇ خەۋەرنىڭ تۆت ئۇيغۇرنىڭ ئادۋوكاتى ۋە ئامېرىكا ئارمىيىسىدىكى بىر ئەمەلدار تەرىپىدىن دەلىللەنگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقاتقان.

ۋىكىلىكسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن ئەنگلىيىنىڭ بېرمۇدا ۋە كارىب دېڭىزى ئاراللىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى توني بېيتىس ئامېرىكىنىڭ ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشكەندە بۇنىڭ راست - يالغانلىقىنى سورىغان. ۋىكىلىكس بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ بايان قىلغان : تونۇي بېيتىس ئامېرىكا ئەلچىسى بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ ئالدى بىلەن بېرمۇدا گېزىتى تارقاتقان خەۋەرنىڭ راست - يالغانلىقىنى سورىدى. ئەمما، ئامېرىكا ئەلچىسى "بۇنداق ئىش يوق، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېخى ھېچكىمگە بۇ 4 ئۇيغۇرغا پاسپورت بېرىش ھەققىدە ۋەدە بەرمىدى" دېدى.

ۋىكىلىكسنىڭ ئېيتىشىچە يەنە، بېيتىس بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئالاھىدە ئىكەنلىكى، ئۇلارغا بېرمۇدا تەرىپىدىن يا كۆچمەنلىك سالاھىيىتى ياكى ساياھەت كىنىشكىسى بېرىشكە شەرتى چۈشمىگەنلىكتىن، ئەنگلىيە پاسپورتىنى ئېلىشى ئۈچۈنمۇ ئەڭ ئاز دېگەندە بىر قانچە يىل كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

رويال گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ۋىكىلىكس يەنە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش سالاھىيىتى مەسىلىسى توغرىسىدا يېقىندا ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار كىشىلىرىنىڭ ۋاشىنگتوندا ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

"ۋىكىلىكس " بۇندىن ئىلگىرى بېرمۇداغا دائىر 68 پارچە ھۆججەتنى ئېلان قىلغان ئىدى. نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى "ۋىكىلىكس "ئېلان قىلغان ھۆججەتلەر ھەققىدە خەۋەر بېرىپ، بۇ ھۆججەتلەردە ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، سلوۋېنىيە، تىنچ ئوكياندىكى كىرباتى قاتارلىق ئەللەر بىلەن سودىلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.