رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ 4 نەپەر ئۇيغۇر ئۆتكەن ھەپتە بېرمۇدانىڭ ھامىلتون شەھىرىدىكى بىر گولف مەيدانىدا ئىشقا قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان گولف مەيدانى بۇ يىل ئۆكتەبىردە چوڭ بىر مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىكەن.
بۇ گولف مەيدانىنىڭ باشلىقى ۋېندال بروۋن مۇخبىرلارغا : "بىز تۆتىلا ئۇيغۇرنى بۇ يەرگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق، ئۇلاردىن ئىككىسىنىڭ ئىنگىلىزچىسى كۆرۈنەرلىك ھالدا ياخشى" دېگەن. ئۇ يەنە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىن بېرى گولف مەيدانىدا ئىش باشلىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.