بېرمودادىكى ئۇيغۇرلار خىزمەت ئالماشتۇرىدىكەن

گۈەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئارال دۆلەت بېرمۇداغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 4 ئۇيغۇر يېڭى خىزمەتكە ئورۇنلىشىدىكەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇلار ئالدىنقى يىلى بېرمۇداغا كېلەر - كەلمەيلا ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بولغان بىر گولف توپى مەيدانىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بەزى ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇلار گولف مەيدانىدىكى ئىشىدىن بۇ يىل ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىدا ئايرىلىدىكەن. ئەمما ئۇلار ئاللىقاچان يېڭى ئىش تەكلىپى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېڭى ئىش ئورنى ھازىرچە ئاشكارىلانمىغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بېرمۇداغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، ئۇلار ھازىر بېرمودادىكى مۇسۇلمان جامائىتى ئىچىدە ئاكتىپ رول ئوينىماقتا ئىكەن. ئۇلار پەقەت ئائىلىسىنى كۆرەلمىگەنلىكىدىن كۆڭلى يېرىم بولغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھازىرقى تۇرمۇشىدىن مەمنۇن ئىكەن.

ئابدۇللا ئابدۇقادىر، خېلىل مامۇت؛ ئابلىكىم تۇراخۇن ۋە سالاھىدىن ئابلەھەت ئىسىملىك تۆت نەپەر ئۇيغۇر 2009 - يىلى 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى گۈەنتانامودىن ئازاد قىلىنىپ، شۇ كۈنى ئەتىگەندە بېرمۇداغا يېتىپ كەلگەن. ئۇ مەزگىلدە ئۇلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ۋە بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىززىق نۇقتىسىغا ئايلانغان ئىدى.