مىنىستىرلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، رۇسىيىنىڭ سۈرىيىدىكى ئىككى تەرەپنى مۇۋاپىق پۇرسەتتە موسكۋادا ئۇچراشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقى، ئۇچرىشىش تەكلىپىنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭمۇ بۇ تەكلىپكە ياق دېمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ئۆكتىچىلەرنىڭ تەشكىلىي ئورگىنى بولغان سۈرىيە مىللىي مەجلىسى، بۈگۈن رويتېرىسنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزلىرىگە ھازىرغىچە مۇنداق بىر تەكلىپنىڭ كەلمىگەنلىكىنى ۋە كەلگەن تەقدىردىمۇ چوقۇم رەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئۆكتىچىلەر يەنە مەزكۇر تەكلىپ رۇسىيىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە (ئۆز مەۋقەسى بويىچە) تەسىر كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان دەپ ئەيىبلىگەن.