3-ئۆكتەبىر چارشەنبە كۈنى قىرغىزىستاندىكى بىر قىسىم ياشلار «ئاتا يۇرت پارتىيىسى» نىڭ يېتەكلىشى بىلەن نامايىش قىلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن قىرغىزىستانغا جايلاشقان كانادا شىركىتى ئىگىدارچىلىقىدىكى قۇمتور ئالتۇن كانىنى دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تەلەپ قىلغان.
شۇ كۈنى مىڭدىن ئارتۇق نامايىشچى بېشكەك شەھىرىدىكى پارلامېنت بىناسى ۋە پرېزىدېنت سارىيىغا ھۇجۇم قىلغان ۋە ھۆكۈمەت بىناسىغا بېسىپ كىرىشكە ئۇرۇنغان ئىدى.
بىر قىسىم نامايىشچىلار بىخەتەرلىك چەمبىرىكىنى بۇزۇپ ھۆكۈمەت بىناسىغا يېقىنلاشقان بولسىمۇ، ساقچىلار ياش ئاقتۇرۇش بومبىسى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ نامايىشچىلارنى بىنادىن يىراقلاشتۇردى. نۆۋەتتە نامايىش پۈتۈنلەي بېسىقتۇرۇلغان بولۇپ، شەھەر ئىچى تىنچلاندى.
قۇمتور ئالتۇن كېنى قىرغىزىستان بىلەن قەشقەر چېگرىلىنىدىغان تاغ ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن كېنى ئىكەن.