رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ 8 كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چارشەنبە كۈنى مانخاتتان رايونلۇق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە بەيدۇ شىركىتىنىڭ ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىش ئارقىلىق، ئىنسانلارنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدا بەيدۇ ئىزدەش ماتورىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە يانتاياق بولۇپ، ئىنتېرنېتتا تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا دائىر بارلىق ماتېرىياللارنى تازىلاپ چىقىرىۋەتكەنلىكى تەنقىد قىلىنغان.
ئەرزنامىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر سىياسىتى ئامېرىكىنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسىغىمۇ تەسىر يەتكۈزۈۋاتقانلىقتىن، بۇنىڭ ئامېرىكا قانۇنلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
دەۋاگەرلەرنىڭ ئادۋوكاتى سىتىفىن مۇخبىرغا :«بۇ داۋادا جاۋابكار تەرەپ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىۋاتقان بەيدۇ شىركىتى» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىش مەسىلىسى بۇندىن بىر يىل ئىلگىرى گوگۇل شىركىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىشى ۋە باش شتابىنى خوڭكوڭغا كۆچۈرۈپ كېتىشى بىلەن كۈن تەرتىپكە كەلگەن ئىدى.
يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ياسىمەن ھەرىكىتى سەۋەبلىك ئىنتېرنېت ئۈستىدىكى بېسىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ مۇخبىرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ئەرزگە قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا «خىتايدا پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتنى خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئاساسەن باشقۇرىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن ۋە «چەتئەل سوتلىرىنىڭ بىزنى سوراق قىلىش ھوقۇقى يوق» دەپ جاۋاب بەرگەن.