بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلار لوس ئانجىلىس ۋاقتى گېزىتىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زوراۋانلىقلىرىنى پاش قىلدى

بېيجىڭدىكى تونۇلغان ئەرزدارلاردىن تۇرسۇن غوپۇر، ئايگۈل توختى ۋە نۇردۇن تۇنىياز قاتارلىقلار، ئالدىنقى كۈنى بېيجىڭدا، ئامېرىكىنىڭ لوس ئانجىلىس ۋاقتى گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ھەقسىزلىرى ۋە نۆۋەتتە رامزان مەزگىلىدە يولغا قويۇۋاتقان چەكلىمىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

مەزكۇر گېزىتنىڭ بۈگۈنكى بىر تەپسىلىي خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئەرزدارلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇرلارغا ياشاش ئىمكانى بەرمەيۋاتقانلىقىنى ئۆز كەچمىشلىرىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ بايان قىلغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەرزدار ئايگۈل توختى ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ دۆلەت يارىتىپ بەرگەن ئەۋزەل ئىمكانلاردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىكىدىكى قورۇ-جاي ۋە تېرىلغۇ يەرلىرىنى تارتىۋېلىۋاتقانلىقىنى، ئەرزدار نۇردۇن تۇنىياز خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالىدىغان ھېچبىر بىر ئورگاننىڭ يوقلۇقىنى، ئەرزدار تۇرسۇن غوپۇر بولسا، خىتاينىڭ رامزان مەزگىلىدىكى چەكلىمىلىرىنى نۇقتىلىق ھالدا پاش قىلغان.

لوس ئانجىلىس ۋاقتى گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى بۇ خەۋىرىدە يەنە، ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ بېيجىڭدىكى جاپالىق تۇرمۇشى، ساقچىلارنىڭ ئۇلارنىڭ چېدىرلىرىنى بۇزۇۋېتىش، يۈك-تاقىلىرىنى تارتىۋېلىش، يېمەك-ئىچمەكلىرىنى تاشلىۋېتىش قاتارلىق زوراۋانلىقلىرى ھەققىدىمۇ مەلۇماتلار بەرگەن.