رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۈشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن 5000 دىن ئارتۇق ئەرزدار ئەرزلىرىنى تىزىملىتىش ئۈچۈن، مەركىزى ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ قورۇسىغا توپلانغان. بايان قىلىنىشىچە، بۇ سان، نورمالدىكىگە نىسبەتەن نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولۇپ، بۈگۈن يەنە ئوخشاش مەيداندا، ئەرزدارلارنى يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ ئەكىتىش ئۈچۈن كەلگەن 2000 غا يېقىن ۋەزىپىدارمۇ ھازىر بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، يەنە كۆپ ساندىكى ئەرزدارلار ئۆزلىرىنى ئەكىتىش ئۈچۈن كەلگەن ۋەزىپىدارلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ھەم 18-قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈپ، بېيجىڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۆۋرۈك ئاستىلىرىدا ۋە باشقا بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا مۆكۈنۈپ يۈرمەكتە.
18-قۇرۇلتاي ھارپىسىدا بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلارغا قارىتا كونتروللۇق ئادەتتىن تاشقىرى كۈچەيتىلگەن بولۇپ، 3 يىلدىن بېرى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن قەتئىي مەيداندا تىركىشىپ كېلىۋاتقان نۇرۇنگۈل توختى، غازى ھامۇت ۋە ئايگۈل توختى قاتارلىق غوللۇق ئەرزدارلار يۇرتلىرىغا ئېلىپ كېتىلگەن. بۇلاردىن نۇرۇنگۈل توختى بىلەن ئايگۈل توختىنىڭ نۆۋەتتە قاماقخانىدا ئىكەنلىكى مەلۇم، ئەمما غازى ھامۇتنىڭ ئاقىۋىتى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس.
مەركىزى ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ قورۇسىدىكى بۈگۈنكى مەنزىرىدىن قارىغاندا، خىتاينىڭ 18-قۇرۇلتاي مەزگىلىدە ئەرزدارلار مەسىلىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خېلىلا بېشىنى ئاغرىتىدىغانلىقىدىن بېشارەت كۆرۈلمەكتە.