بېيجىڭدىكى ئەرزدارلار پلاكات كۆتۈرۈپ ھىللارىي كلىنتوننى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاينىڭ بوشۈن، يېڭى ئىرا قاتارلىق تور بېكەتلىرىدە بۈگۈن ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، خىتاي تانكا ئەترىتى ئىنستىتۇتىدىكى تانكا ئالدىدا توپلىنىپ، «ھىللارىي بىز سېنى سۆيىمىز» دېگەن پىلاكاتنى كۆتۈرۈپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون خانىمنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەرزدارلارنىڭ سۈرىتى بېسىلدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.09.04

بوشۈن تور گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەرزدارلار، ئۆزلىرىنىڭ داۋاملىق تۈردە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، ھىللارىي كىلىنتون خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي سەپىرىدە خىتايدا بارغانچە ناچارلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رادىئومىز ئىگىلىگەن باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈنۈگۈن يەنە بېيجىڭدىكى ئەرزدارلاردىن 5000 دەك كىشى خىتاي مەركىزى ئەرزىيەت ئىدارىسى ئالدىغا توپلىنىپ، مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى ھەم خىتايدا بارغانچە يامانلىشىۋاتقان پۇقرالار كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.