ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 19 نەپەر ئادەم قاتناشقان مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنى 10 - ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى تيەنەنمېن ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئاشكارىلاش ھەمدە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەمدە ئۇنىڭغا قايتا باھا بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.
بۇ كۈنى ئانىلار بايرىمى بولغانلىقى ئۈچۈن يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بىردەك ھالدا ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن بىرگە تىئەنئانمېن ۋەقەسىدە پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلغان تيەنەنمېن ئانىلىرىغا ھۆرمىتىنى ئىزھار قىلغان.
مۇھاكىمە يىغىنى جەريانىدا ئەينى چاغدىكى ۋەزىيەت ھەم ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە باشقىلار مۇھاكىمە قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بەزى كىشىلەر تارىخىي تراگېدىيىلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، راستچىل بولۇش لازىم، تارىخنى ئۈزۈل - كېسىل ئەستە تۇتۇش لازىم دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئەلۋەتتە، مەزكۇر يىغىندا ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ھەققىدىكى قارارى ۋە باشقا مەسىلىلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىپ، تەنقىد قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يوق. بىراق، نۆۋەتتە، خىتايدىكى زىيالىيلار قاتلىمىنىڭ ھۆكۈمەتتىن تيەنەنمېن ۋەقەسىنى ئاقلاشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
بۇ يىل 4 - ئىيۇن كۈنى تيەنەنمېن ۋەقەسىگە 20 يىل توشىدۇ. بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ كۈندە ۋەقە چىقىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۈچلۈك ئامانلىق تەدبىرلىرى ئېلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.