خىتاي گەرچە ئاساسى قاتلام سايلاملىرىدا مۇستەقىل نامزاتلارنىڭ قاتنىشىشىغا يول قويۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تۈرلۈك چەكلىمىلەر ئارقىلىق كومپارتىيە كۆرسەتكەن نامازاتلارنىڭ ئۇتۇپ چىقىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقتا.
بېيجىڭ شەھىرىدە سايلىنىشقا ئۆزىنى تىزىملاتقان بىر تۈركۈم مۇستەقىل نامزاتلار بىرقانچە كۈندىن بېرى ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.
رادىئومىز خىتايچە بولۆمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامزاتلاردىن بىرى كوچا ئاھالىلەر كومىتېتىغا ئاپىرىلىپ مەجبۇرىي ھالدا سايلام قانۇنى ھەققىدە دەرس بېرىلگەن. نامزات سايلام قانۇنىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتسىمۇ، ئۇنىڭ ئاھالىلەر كومىتېتىدىن ئايرىلىشىغا يول قويۇلمىغان.
خەن فامىلىلىك يەنە بىر نامزاتنىڭ قول تېلېفونى تارتىۋېلىنغان. ۋۇ پەمىلىك نامزاتنىڭ مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈشى چەكلەنگەن. يەنە بىر نەپىرى بولسا ساقچىخانىدا 14 سائەت توختىتىپ سوراق قىلىنغان. خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدە ئالدىنقى كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بىر سايلامدا، گو فامىلىلىك مۇستەقىل نامزات ئۇتۇپ چىققان.
كۆزەتكۈچىلەر نۆۋەتتە باش كۆتۈرۈۋاتقان سايلام ماجىرالىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كېڭىيىدىغانلىقىنى ۋە ئۆتكۈرلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.