"خىتاي گېزىتى" دە كۆرسىتىشىچە، بۇ نۆۋەت بېيجىڭدا ئېلىنغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" بىلەنمۇ بىۋاسىتە باغلىنىشلىق ئىكەن.
خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇتەخەسسىسى لى ۋېي، خىتاي دۆلەت بايرىمىغا " 3 خىل كۈچلەر" دىن تەھدىت كېلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
خەۋەردە، ساقچىلارنىڭ بېيجىڭدا ياشايدىغان ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرالغۇسى ۋە چەتئەلدىن قايتىپ، بېيجىڭ بىر مەزگىل تۇرغانلارنى نۇقتىلىق ھەرىكەت نىشانى قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
نۆۋەتتە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ كوچا - كويلىرىدا چارلاش ۋە تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ سانى كۆپەيتىلگەن.
خەۋەردە يەنە، بۇ نۆۋەت بېيجىڭ شەھىرىدە ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلگەن ساقچىلار سانىنىڭ "2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكى" مەزگىلىدىكىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىنلىكى كۆرسىتىلگەن.
