بېيجىڭدا مەھمۇت قەشقەرى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا

ئىگىلىشىمىزچە،24 نويابىردىن 26 - نويابىرغىچە خىتاي پايتەختى بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى بىلەن تۈركىيە دۆلەتلىك تۈرك تىلى كومىتېتى بىرلىكتە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىغا بېغىشلىغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىشنى پىلانلىغان.

بۇ مۇھاكىمە يىغىنى خىتاي، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ئىشتىراك قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى ۋە تۈركىي تىللارغا ئائىت ئىلمىي دوكلاتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتىدۇ.

بۇ ب د ت پەن - مائارىپ ئورگىنى تەرىپىدىن 2008 - يىلىنى مەھمۇت قەشقەرى يىلى قىلىپ بېكىتىلىشتىن بۇيانقى بىر يىل ئىچىدە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى پائالىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

بۇنىڭ ئالدىدا تۈركىيە ئالىي مەكتەپلىرى، تۈركىيە ھۆكۈمىتى، ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئەللەردە مەھمۇت قەشقىرىگە بېغىشلانغان تۈرلۈك ئىلمىي مۇھاكىمە ۋە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تور بەتلەرگە خەت يېزىش ۋە پىكىر قىلىش ئۇسۇلى بىلەن، ھۆكۈمەتنىڭ نېمە ئۈچۈن مەھمۇت قەشقىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزمىگەنلىكىگە بولغان ئىنكاسلىرىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.

ب د ت نىڭ مەھمۇت قەشقىرىنى 2008 - يىللىق خاتىرىلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشتە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئاكتىپ رول ئوينىغان.10 - ئايدا تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق يىغىندا تۈركىيە دۆلەت رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلىپ سۆز قىلغان بولۇپ، ھازىرچە بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئۆتكۈزگەن كۆلىمى ۋە دەرىجىسى ئادەتتىكىدەك بۇ يىغىندا خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىدىن ۋەكىل كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقى نامەلۇم ئىكەن.

يىغىندا پەقەت مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىنىڭ شۇنىڭدەك تۈركىيىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسىنىڭ كېلىپ، ئېچىلىش سۆزى سۆزلەيدىغانلىقى مەلۇم. بۇ يىغىن 24 - نويابىر كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دا باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.