بۈگۈن بېيجىڭدا يەر ئاستى پويىزىدا پارتلاش يۈز بەردى

خىتايدىكى 'تور خەۋەرلىرى'، 'قانۇن ئۇچۇرلىرى'، 'پۇل - مۇئامىلە ئۇچۇرلىرى'، 'شەرقىي - شىمال خەۋەرلىرى' قاتارلىق ئاز دېگەندە سەككىز تور گېزىتى بۈگۈن، بېيجىڭدىكى 1‏ - يول پويىز لىنىيىسىدە، ئەتىگەن سائەت 8 دىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە، يەر ئاستى پويىزى ھەربىي مۇزېيى دېگەن بېكەتكە كەلگەندە، پارتلاش يۈز بەردى، يولۇچىلار پات - پاراق بولدى، دەپ خەۋەر بەردى.

خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، يولۇچىلار ئۇچۇر ۋاستىلىرىگە ئەڭ ئاخىرقى ۋاگوندا پارتلاش يۈز بېرىپ ئىس چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەنلىكى، باشقا ۋاگۇنلاردا توك توختاپ، يولۇچىلار قاراڭغۇدا پات - پاراق بولغانلىقى، بىردەمدىن كېيىن پويىز قاراڭغۇلۇقتا مېڭىۋەرگەنلىكى ھەققىدە ئىسپات بەرگەن.

ئەمما، بېيجىڭ يەر ئاستى پويىز شىركىتى بۇ ۋەقەنى ئوچۇقلاشنى رەت قىلغان. پەقەت 'خەلق گېزىتى' لا، يەر ئاستى پويىزىدا تېخنىكىلىق چاتاق چىققان ھامان دەرھال ئوڭشىۋېلىندى دەپ ئىزاھات بەرگەن.