بېيجىڭدا شەنبە كۈنى بىر فرانسىيىلىك ئايال پىچاق تىقىپ يارىلاندۇرۇلدى

بېيجىڭدە بۈگۈن (شەنبە كۈنى) يەنە پىچاق تىقىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ۋەقەدە بىر نەپەر فرانسىيىلىك ئايال ساياھەتچى يارىلاندى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 11 لەردە، بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىغا يېقىن جايدىكى داسالەن دېگەن مەشھۇر بازاردا، ساقچىلار فرانسىيىلىك بىر ئايال ساياھەتچىنى پىچاق تىقىپ يارىلاندۇرغان جاڭشىنىڭ نەنچاڭ شەھىرىدىن كەلگەن 41 ياشلىق ئەرنى قولغا ئالدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ۋەقە توغرىسىدا بەرگەن خەۋەردە، قاتىلنىڭ ياكى يارىلاندۇرۇلغان فرانسىيىلىك ئايالنىڭ كىملىكىنى ۋە ئەھۋالىنى تەپسىلى بايان قىلمىدى.

بۇنىڭدىن ئىككى كۈن بۇرۇن (پەيشەنبە كۈنى)، جىلىن ئۆلكىسىدىن كەلگەن بىر ئەر مۇشۇ بازاردا كۈپ ئادەمگە پىچاق تىقىپ، ئىككى ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، 14 ئادەمنى يارىلاندۇرغان ئىدى. ئەرتىسى بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى، قاتىلنى پەقەت 'ھاراق ئىچىپ مەس بولۇپ قاتىللىق قىلغان' دەپلا تەسۋىرلىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ، بۇ ۋەقەنى خەۋەر قىلغاندا پەقەت، يارىلانغان 14 ئادەمنىڭ دوختورخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھاياتى خەتەر ئاستىدا ئەمەسلىكىنىلا گەۋدىلەندۈرگەن ئىدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭدە پىچاق تىقىش ۋەقەسى ئۇدا يۈز بەرگەندىن كېيىن، بېيجىڭ دائىرىلىرى بۈگۈندىن باشلاپ چەتتىن كىرگۈزگەن X نۇرى بىلەن چارلايدىغان ئىلغار سايمانلىرىنى ئىشلىتىپ، بېيجىڭدىكى 10 چوڭ باغچىدا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشنى يولغا قويدى، بەزى چوڭ كوچىلاردا ئۇچرىغانلا ئادەمنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.