ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى بايدىن خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى

ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوزېپ بايدىن چارشەنبە كۈنى خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى. سىياسىي پائالىيەتچىلەر مۇئاۋىن پرېزىدېنت بايدىن خىتايغا مېڭىشتىن بۇرۇن، بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىدە، كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى تاپىلىغان ئىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، بايدىننى كېلەر يىلى خىتاي رەئىسى بولىدىغانلىقى ئالدىن بېكىتىلىپ بولۇنغان، ھازىرقى مۇئاۋىن رەئىس شى جىنپىڭ كۈتۈۋالدى ھەم بەش كۈنگىچە ئۇ ئۆزى بايدىننى زىيارەت قىلدۇرىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

گەرچە ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گەرى لوك يېقىندىن بۇيان خىتايغا، ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىش كاپالەتكە ئىگە ھەم بىخەتەر دەپ تەكرار -تەكرار ۋەدە بېرىۋاتسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» بۈگۈن يەنىلا ئامېرىكىنى، زايومنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ ۋەدە بېرىشكە چاقىردى.

غەرب ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خامچوتىدا قىزىل رەقەم ئېشىپ كېتىپ، ھازىر خىراجىتى كاملاپ قالغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى بايدىننىڭ بۇ قېتىم خىتايغا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تېخىچە ئاياغلاشمىغان تىبەت، تەيۋەن مەسىلىلىرى ئۈستىدە سۆزلىشىشنى ئاساسىي ئورۇنغا قويغىلى ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىرى بىلەن ياخشى تونۇشقىلى كەلگەنلىكى تېخىمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوزېپ بايدىن خىتاي زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، موڭغۇلىيىنى ۋە ياپونىيىنى زىيارەت قىلىدۇ.