پاكىستان دائىرىلىرى ئوسما بىن لادېننىڭ ئاياللىرىنى سوتلىغان

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەل-قائىدە رەھبىرى ئوساما بىن لادېننىڭ ئۈچ ئايالى پاكىستان سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن پاكىستانغا قانۇنسىز كىرىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى ئۆتكەن يىلى 5‏-ئايدا ئوساما بىن لادېننىڭ پاكىستان پايتەختى ئىسلامئاباد يېنىدىكى ئابودئاباد، دېگەن جايدىكى مەخپىي تۇرالغۇسىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈرگەندىن بۇيان، ئۇنىڭ ئاياللىرىنى پاكىستان تەرەپ تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئىدى. پاكىستان ھۆكۈمىتى ئىلگىرى بىن لادېننىڭ ئاياللىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىگە كەتسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىراق پاكىستاننىڭ پىكرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى سوتلىشىغا نېمە سەۋەب بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس. پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى راخمان مالېك، بىن لادېننىڭ ئاياللىرىنىڭ سوتلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇلارنىڭ قاچان سوتلانغانلىقى ۋە قانداق جازا بېرىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىمىغان.

بەزى پاكىستان قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەگەر پاكىستانغا قانۇنسىز كىرىش بىلەن ئەيىبلەنسە، كۆپ بولسا 5 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئاياللىرىنىڭ بىرى يەمەنلىك، يەنە بىر سەئۇدى ئەرەبىستانلىق بولۇپ، 3‏-ئايالىنىڭ قەيەرلىك ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس. ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ پاكىستانغا كىرىپ، بىن لادېن ئۆلتۈرۈشى ئامېرىكا-پاكىستان مۇناسىۋىتىنى يىرىكلەشتۈرۈۋەتكەن.

بۇ ۋەقە «پاكىستان بىن لادېنغا ياردەم قىلىپ، ئۇنى يوشۇردىمۇ-قانداق» دېگەن گۇماننى پەيدا قىلغان ئىدى. پاكىستاننىڭ مەزكۇر ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە قۇرۇلغان بىر كومىتېتى يېقىندا تەييارلىغان دوكلاتىنى ئېلان قىلماقچى. بىراق كۆزەتكۈچىلەر نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ يەنىلا ئاشكارىلانمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىنماقتا.