بىڭتۇەن خوتەن دەرياسىغا كۆۋرۈك ياسىدى

ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىڭتۇەن دائىرىلىرى خوتەن دەرياسىغا سالغان يېزا ئىگىلىك 1- دىۋىزىيىنى چوڭ كۆۋرۈكى پۈتۈپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. مەزكۇر كۆۋرۈكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1. 7 كىلومېتىر بولۇپ، كۆۋرۈك ئالار ۋە تۇمشۇق شەھىرى ئارىسىغا ياسالغان تاشيولنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىم ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى 2002- يىلى بىڭتۇەنىگە قاراشلىق تۇمشۇق ۋە ئالار شەھىرىنى قۇرغان.

تۇمشۇق شەھىرى خوتەن دەرياسى بىلەن زەرەپشان دەرياسى كېسىشكەن جايغا، ئالار شەھىرى تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، سۇ مەنبەسى ئىنتايىن مول رايونلارنىڭ بىرى.

كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر شەھەرلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ئېغىر تەھدىت سالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ نۆۋەت خوتەن دەرياسىغا ياسالغان كۆرۈك ۋە كۆۋرۈك ئۇلانغان يوللار ئاقسۇ، خوتەن، ۋە كۇچانىڭ مۇھىم يوللىرىغا تۇتىشىدىكەن.