بىڭتۇەننىڭ باشلىقى ئالماشتۇرۇلدى

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن خېفېي، شىجاجۇاڭ شەھەرلىرىدە پارتكوم سېكرېتارى بولغان ئەنخۇيلىق چې جۈننى يېڭى چېگرا ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسى (بىڭتۇەن) نىڭ سىياسىي كومىسسارى، شىڭجەن گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارلىقىغا تەيىنلىدى.

بىڭتۇەن پارتكومى بۈگۈنكى يىغىنىدا، ۋاڭ لېچۈەن دەۋرىدىكى بىڭتۇەن سىياسىي كومىسسارى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋە شىڭجەن گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى نې ۋېيگونىڭ ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 'بىڭتۇەن' دېگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىۋاستە مەركەزگە قارايدىغان 'ھەربىي ، مەمۇرى ۋە كارخانا بىرلەشتۈرۈلگەن' ، چېگرانى قوغدايدىغان بىر ئالاھىدە قىسىم ، بۇنداق تەشكىلات دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئۇچرىمايدۇ.