تەيۋەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر قارار 25- ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدە چاقىرغان مەخسۇس يىغىندا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، دائىرىلەر بۇنىڭ جەمئىيەت «مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ نۆۋەت بىڭتۇەن قوراللىق قىسىملىرىنىڭ دەرىجىسى ئىلگىرى بىڭتۇەن قوراللىق ساقچى قىسمىدىن مۇئاۋىن كورپۇس دەرىجىلىك ھەربىي ئورگان قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
مەزكۇر كورپېس خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدا بولىدىغان 7- دەرىجىلىك ھەربىي ئورگان دەرىجىسىدە بولىدىكەن.
بۇ ھەققە توختالغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننى ۋە بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى چېجۈن: بۇ دەرىجە ئۆستۈرۈش بىڭتۇەن ئورنىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى، دېگەن.
بىڭتۇەن قوراللىق ئەترىتى 80 – يىللاردا «بىڭتۇەن قوراللىق ساقچى قىسمى» قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، بىڭتۇەن قوراللىق ساقچى قىسمى 2009- يىلدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نى باستۇرۇشقا قاتناشقان.