خىتايدىكى «كىچىك ئىمپېراتورلار» نىڭ رىقابەت ئېڭى تۆۋەنلىكى ۋە چۈشكۈنلۈكى ئوتتۇرىغا چىقتى
2013.01.10
تەتقىقات نەتىجىلىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى بىر پەرزەنتلىك تۈزۈم يولغا قويۇلغاندىن كېيىن تۇغۇلغان بالىلاردا باشقىلارغا ئىشىنىش تۇيغۇسى كەمچىل، رىقابەت ئېڭى تۆۋەن، چۈشكۈن بولۇش ۋە ئەستايىدىل بولماسلىقتەك ئەھۋاللار ئىلگىرىكى ئەۋلادلارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ھالدا ئېغىر ئىكەن.
ئاۋسترالىيىدىكى پەن-تېخنىكا ژۇرنىلىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ خىل نەتىجە يالغۇز پەرزەنت بولغان بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانا، بوۋا-مومىلىرى تەرىپىدىن ھەددىدىن زىيادە ئەتىۋارلىنىشىغا ئوخشاش بىر قاتار ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تەتقىقاتچىلار ئۇلارنى كىچىك ئىمپېراتورلار دەپ ئاتىغان.
خىتايدىكى بىر پەرزەنت تۈزۈمى ئۇزۇندىن بۇيان تالاش-تارتىش يارىتىپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە. كۆزەتكۈچىلەر ئۇنى خىتايدىكى ئەر-ئايال نوپۇس تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە نوپۇسنىڭ قېرىشىدەك مۇھىم ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ يىلتىزى دەپ قارايدۇ. ئەمما تەتقىقات نەتىجىلىرى بىر پەرزەنت تۈزۈمىنىڭ سەلبىي تەسىرلىرىنىڭ پەقەت يۇقىرىدىكى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولۇپ، تەتقىقاتچىلار ئەگەر بۇنىڭغا ۋاقتىدا تەدبىر ئېلىنمىغان تەقدىردە خىتايدا زور سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.