دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قولغا ئېلىنغۇچى خوتەندىن كەلگەن 23 ياشلىق خالمۇرات ئىمىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدىن رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» نىڭ DVD پلاستىنكىلىرى بايقالغان.
دىلشات رىشىتنىڭ ئېيتىشىچە، خالمۇرات ئىمىن ئۆتكەن 3 ھەپتىدىن بۇيان ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان ئاختۇرۇشتا تۇتۇلغان ئىكەن.
ھالبۇكى، بۇ ۋەقەنى رادىئومىز ئۆز ئالدىمىزغا دەلىللىيەلمىدۇق.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەخسىي تۇرالغۇلارنى سوتنىڭ ئۇقتۇرۇشىسىز قالايمىقان ئاختۇرغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە ئاختۇرۇش جەريانىدا نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدا بايقالغان بولۇپ، خىتاي يەرلىك دائىرىلىرى ئوتكەن 3 ھەپتىدىن بۇيان دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئۆيلىرىنى ئاختۇرۇشقا باشلىغان.