ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئاڭساڭ سۇكى رەھبەرلىكىدىكى بىرما مەملىكەتلىك دېموكراتىك بىرلەشمىسى 1990 - يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم سايلامغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئاڭساڭ سۇكى ئۇزۇن يىللار بىرما ھەربىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاماققا ئېلىش، سۈرگۈن قىلىش قاتارلىق جازالارغا يولۇقۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بىرمانىڭ دېموكراتىك غايىسى يولىدىكى كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى. ئاڭساڭ سۇكى يەكشەنبە كۈنى ئۆز تەشكىلاتىنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ قېتىمقى بىرمادىكى دېموكراتىك سايلامغا 17 پارتىيە پارلامېنتتىكى 45 ئورۇننى تالىشىدۇ، ئاڭساڭ سۇكى پارلامېنتا ئورۇن ئىگىلەيدۇ.