ھىللارىي كىلىنتون يەنە، ئامېرىكىنىڭ پات يېقىندا بېرمىغا قاراتقان بەزى ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بېرما دۆلەت لىدىرلىرىنىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنىمۇ قوشۇمچە قىلدى.
بېرمىدا ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان تولۇقلىما پارلامېنت سايلىمىدا داڭلىق ئۆكتىچى ئاڭ ساڭ سۇچى خانىمنىڭ پارلامېنتقا كىرىشى ۋە خەلقئارادىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ سايلامنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئادىل ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشى دېموكراتىك ئەللەرنى مەمنۇن قىلغان ئىدى.
چارشەنبە كۈنى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىمۇ بېرمىغا قاراتقان بەزى جازا تەدبىرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمما ياۋرۇپا بىرلىكى بۇنىڭ بېرما بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىنى دەرھال باشلايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزلىرىنىڭ بېرما ھۆكۈمىتىگە سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.