بېرما ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنغان

بېرما كېلەر يىلنىڭ باشلىرى ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان «كۆزەينەكلىك يىلان» ناملىق رايون خاراكتېرلىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرغا كۆزەتكۈچى ئورنىدا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنغان.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئامېرىكا-بېرما ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىقنىڭ تېز ئېرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىراق بۇنىڭ خىتاي ئۈچۈن خوش-خەۋەر ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. لېكىن تايلاند دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، بېرما مانېۋىرغا تەكلىپ قىلىنىدىغان كۆزەتكۈچىلەر تىزىملىكىدىكى دۆلەت بولسىمۇ، بىراق ئاخىرقى قارارنىڭ تېخى چىقىرىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا باشچىلىق قىلغان «كۆزەينەكلىك يىلان» ناملىق مانېۋىر، 1980 ‏-يىللاردىن باشلاپ ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. بۇ قېتىم ئۇنىڭغا سىنگاپور، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە، ھىندونېزىيە، مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەر قاتنىشىشتىن سىرت، 13 دۆلەت كۆزەتكۈچىلىككە تەكلىپ قىلىنغان.

بېرمىدا 1990‏-يىللىرى ھەربىي ئۆزگىرىش بولۇپ، ھاكىمىيەتنى ھەربىيلەر كونترول قىلىۋالغاندىن بۇيان، ئامېرىكا-بېرما مۇناسىۋىتى توڭلىتىپ قويۇلغان. پەقەت بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى، بۇلتۇر دېموكراتىك ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ئاڭسەن سۈكىنى نەزەربەندتىن بوشىتىپ، ئاخبارات ئەركىنلىكى، سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش، كاچېن قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىق دېموكراتىك قەدەملەرنى ئاتقاندىن كېيىن، ئامېرىكا -بېرما مۇناسىۋىتى تېز ئېرىشكە باشلىغان. ئامېرىكا بېرمىغا يۈرگۈزگەن بەزى ئېمبارگولارنى بىكار قىلغان ئىدى.