ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر قانچە يۈز بىرما ئەسكىرى كاچىنلار جايلاشقان تاغلىق رايونلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەركەزلىرىنى ئىگىلەشكە ئىنتىلمەكتە. كاچىنلار بىلەن بىرما قوراللىق كۈچلىرى ئارىسىدىكى قايتا ئۇرۇش 2011 - يىلى باشلانغان بولۇپ، 18 - يانۋار كۈنى ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئۇرۇش توختىتىش پۈتۈشۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما 20 - يانۋارسا بىرما قوراللىق كۈچلىرى يەنە ھۇجۇم باشلىغان.
بۇ ئەھۋالغا خىتاي تەرەپمۇ ئىنكاس قايتۇرغان بولۇپ، خىتاي بىلەن بىرما تەرەپ چېگرا رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا پۈتۈشكەن، چۇنكى ئۇرۇش بولۇۋاتقان جايلار خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسى چېگرىسىغا يېقىندۇر.
كاچىن مۇستەقىللىق ئارمىيىسى 1961 - يىلى قۇرۇلغان، بۇ قوشۇن كاچىن مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىق ئۈچۈن جەڭ قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى. كاچىنلار خىتايدىكى جىڭپو مىللىتىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، ئۇلار بىرما بىلەن خىتاي چېگرىسى ئەتراپىغا جايلاشقان ئىدى.